ئاڭ سان سۇچى چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلەندى

ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن تەختتىن چۈشۈرۈلۈپ تۇتقۇن قىلىنغان بىرمانىڭ ئەمەلىيەتتىكى رەھبىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاڭ سان سۇچى ئۈستىدىن تۆت يېڭى چىرىكلىك دېلوسى تۇرغۇزۇلدى.

1674734
ئاڭ سان سۇچى چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما ناۋ (Now) گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئادۋوكاتلار، ئاڭ سان سۇچى ۋە تۇتقۇن قىلىنغان بىر قانچە ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى ئۈستىدىن ماندالاي ئالىي مەھكىمىسىگە چىرىكلىك دېلوسى ئىلتىماسلىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئادۋوكاتلار چىرىكلىك دېلوسىنىڭ ئىككىسىنىڭ ئاڭ سان سۇچى، قالغان ئىككىسىنىڭ ئاڭ سان سۇچى بىلەن باشقا ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى ئۈستىدىن تۇرغۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دېلو مەزمۇنلىرىنىڭ ھازىرچە ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئادۋوكاتلار ئاڭ سان سۇچىنىڭ 22-ئىيۇل (2021) ماندالاي ئالىي سوت مەھكىمىسىگە چاقىرىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

2021-يىلى 1-فېۋرالدىن ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئاڭ سان سۇچى نېپىدو ۋە يانگون سوت مەھكىمىلىرىدە ئۆزىنىڭ نامىغا پۇل قويۇش، خەلقنى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلەرگە چاقىرىش، دۆلەت سىرلىرى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش، ئىمپورت-ئېكسپورت قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىش، پوچتا-تېلېگراف قانۇنى ۋە دۆلەت ئاپەت قانۇنلىرىغا قارشى چىقىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.

نېپىدو ھەربىي سوتى ئاڭ سان سۇچىنىڭ سوتلىنىشىنى ئاۋغۇست ئېيىغىچە ئاخىرلاشتۇرۇشنى پىلان قىلماقتا.

ئاڭ سان سۇچى ئۈستىدىكى بارلىق ئەيىبلەشلەر قوبۇل قىلىنغان ئەھۋالدا 39 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر