پىرېزىدېنت موئىسېنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنىڭ باش گوماندارىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

ھايتى پىرېزىدېنتى جوۋېنېل موئىسېنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى باش جىنايەتچىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن جىنايەت گۇماندارى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

1673721
پىرېزىدېنت موئىسېنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنىڭ باش گوماندارىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھەللىي تاراتقۇلار، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى بۇ ۋەقەنى داۋاملىق تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھايتى دائىرىلىرى، تەكشۈرۈش دائىرىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ فلورىدا ئىشىتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق خىرىستىيان ئېممانۇئېل سانون ئىسىملىك ​​دوختۇرنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى، مەزكۇر كىشىنىڭ موئىسېنى قەسلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنىڭ ئاساسلىق پىلانلىغۇچىلىرىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

دۆلەتلىك ساقچى ئىدارىسى دېرىكتورى لېئون چارلېز مەتبۇئاتلارغا بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ: «ھۇجۇمچىلارنى قورشاۋغا ئېلىش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئېممانۇئېل سانوننى قولغا چۈشۈرۈش ئىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ھايتى ساقچىلىرى ئىز قوغلاپ قولغا چۈشۈرۈش ھەرىكىتى جەريانىدا، پىرېزىدېنت موئىسېنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىدىن شۈبھىلەنگەن 17 كولۇمبىيەلىك ۋە تېگى ئامېرىكالىق ئىككى ھايتىلىق گۇماندارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ھايتى ساقچىلىرى، ئالتە كىشىنى قولغا چۈشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلىدە ئاممىنىڭ ساقچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ھۇجۇمچىلارنى تېپىشىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

بىر گۇرۇپپا قوراللىق كىشىلەر ھايتىنىڭ 53 ياشلىق پىرېزىدېنتى موئىسېنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇنى ئۆلتۈرگەن، ئايالى مارتېن مويسنى ئېغىر يارىلاندۇرغانىدى.

موئىسې ئۆيىدە سۇيىقەستكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ۋاقىتلىق باش مىنىستىر كلاۋۇد جوسېف، دۆلەت مىقياسىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر