ھىندىستاندا يۈز بەرگەن چاقماق سوقۇۋېتىش ۋەقەلىرىدە ئونلارچە ئادەم قازا قىلدى

ھىندىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن چاقماق سوقۇۋېتىش ۋەقەلىرىدە 38 ئادەم قازا قىلدى.

1673983
ھىندىستاندا يۈز بەرگەن چاقماق سوقۇۋېتىش ۋەقەلىرىدە ئونلارچە ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى خادىملىرى، راجاستان ۋە ئۇتتار پرادېش ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن چاقماق سوقۇۋېتىش ۋەقەلىرىدە 38 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ساقچى ئاناند سىرىۋاستاۋا، راجاستان ئۆلكىسىنىڭ ئامبېر قەلئەسىگە يېقىن جايدا سۈرەتكە چۈشۈۋاتقان 11 ئادەمنىڭ چاقماق سوقۇۋېتىپ قازا قىلغانلىقىنى، ئۆلكىنىڭ  باشقا ۋىلايەتلىرىدە يۈز بەرگەن چاقماق سوقۇۋېتىش ۋەقەلىرىدە يەنە توققۇز ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى،  20 ئاەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇتتار پرادېش ئۆلكىسىدىمۇ شىددەتلىك ھۆل – يېغىن ۋە چاقماق سوقۇۋېتىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، 18 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

دۆلەت ئەمەلدارلىرى، چاقماق سوقۇش سەۋەبىدىن قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ تۇغقانلىرىغا تۆلەم بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھىندىستان مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى، 7- 14 -ئىيۇل كۈنلىرى ئارىلىقىدا تېخىمۇ كۆپ چاقماق سوقۇۋېتىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

جەنۇبىي ئاسىيادا 6- ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان جەرياندا كۈچىيىپ كېتىدىغان پەسىل يامغۇرلىرى ھەر يىلى ناھايىتى زور تەبىئىي ئاپەت ۋە ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھىندىستاندا ھەر يىلى تەخمىنەن 2000 ئادەم چاقماق سوقۇۋېتىپ قازا قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر