ھىندونېزىيەدە تىببىي ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك كىرىزىسى يۈز بەردى

ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، بەزى شەھەرلەردە سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك كىرىزىسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1670108
ھىندونېزىيەدە تىببىي ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك كىرىزىسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ئوكسىگېن ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىغا تىببىي ئېھتىياجلارغا ئالدىن ئەھمىيەت بېرىش يوليورۇقى چۈشۈردى.

ب ب  س (BBC) خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ھىندونېزىيەدە دوختۇرخانىلار سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئوكسىگېن مەسىلىسىدە زور قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراۋاتقان بولۇپ، ئوكسىگېن تۈگىگەن بىر دوختۇرخانىدا 63 ۋۇخەن ۋىرۇسى بېمارى جېنىدىن ئايرىلغان.

باندۇڭ شەھىرىدىكى ئىككى دوختۇرخانا تىببىي ئوكسىگېن زاپىسىنىڭ تۈگىگەنلىكى سەۋەبىدىن جىددىي داۋالاشقا ئېھتىياجلىق بېمارلارنى قوبۇل قىلالمىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

ھىندونېزىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى سىتى نادىيا تارمىزى گاز سانائىتى ساھەسىدىكىلەردىن ئوكسىگېن ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، خەلقنى تىببىي ئوكسىگېن ساقلىقماسلىققا چاقىرىدى.

باندۇڭ، سۇراكارتا ۋە پامېكاسان شەھەرلىرىدىكى دۆلەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈملىرىدە كىرىزىس سەۋىيەسىدە ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، بەزى دوختۇرخانىلاردا بوش كارۋات بولمىغانلىقى ئۈچۈن بېمارلارنى قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا جايلاشقان ھىندونېزىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 2.3 مىليون كىشى يۇقۇملاندى، 60 مىڭدىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر