ئافغانىستاندا باگرام ھەربىي بازىسى بوشىتىلدى
خەلقئارالىق ھەربىي كۈچلەرنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش باسقۇچى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، پايتەخت كابۇلنىڭ 50 كىلومېتىر يىراقلىقىغا جايلاشقان باگرام ھەربىي بازىسى بوشىتىلدى.
1668587
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، بارلىق چەت ئەل ھەربىي كۈچلىرى ئافغانىستاندىكى باگرام ھەربىي بازىسىدىن ئايرىلغان.
11 – سېنتەبىر ۋەقەلىرىدىن كېيىن ئافغانىستاندا باشلانغان باسقۇچ ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا.
گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيە، ئافغانىستاندا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارمىقىدىكى ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىنىش باسقۇچىنىڭ تاماملانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىمۇ، ئافغانىستاندىن چېكىنىش باسقۇچىنىڭ % 50 تىدىن كۆپرەكىنىڭ تاماملانغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.