ئامېرىكا ئافغانىستاندا ئىچكى ئۇرۇش پارتلاش ئېھتىماللىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى

ئافغانىستاندىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ قوماندانى گېنېرال سكوت مىللېر، چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ چېكىنىشى بىلەن تەڭ ئافغانىستاندا ئىچكى ئۇرۇش پارتلاش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.

1667337
ئامېرىكا ئافغانىستاندا ئىچكى ئۇرۇش پارتلاش ئېھتىماللىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېنېرال مىللېر، پايتەخت كابۇلدىكى قارارگاھىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، تالىباننىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلارنىڭ سانىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ئاھۋالى ياخشى ئەمەس، مەۋجۇت ئەھۋال داۋاملاشقان تەقدىردە، ئىچكى ئۇرۇش پارتلىشى تۇرغانلا گەپ.»

ئافغانىستاندىكى ئىچكى ئۇرۇشقا پەقەت سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى ئارقىلىقلا خاتىمە بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان مىللېر، 2001 – يىلدىكى ئىشغالدىن بۇيان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى مەۋجۇدىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك دەپ ئانالىز قىلىشقا بولۇپ بولمايدىغانلىقىغا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مىراسىنى كېلەچەك بەىلگىلەيدۇ، بۇ ھېكايىنىڭ داۋامىنى بىزگە كېلەچەك ئاڭلىتىدۇ.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن، 1 – مايدىن باشلاپ 11 – سېنتەبىرگىچە ئافغانىستاندىن تامامەن چېكىنىپ بولىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر