بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك نىڭ ھۇجۇمى جانغا زامىن بولدى
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك نىڭ سۈرىيەدە تەل ئەبياد ۋىلايىتىگە قاراشلىق موللا بارھو يېزىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا بىر ئايال ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1664666
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك تېررورچىلىرى، « M4» تاش يولىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئىشغال قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان رايونلاردىن تەل ئەبياد ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى موللا بارھو يېىزىسىغا، كەچ تەرەپلەردە قۇرۇقلۇقتىن قۇرۇقلۇققا ئېتىلىدىغان قورال – ياراغلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى، ھۇجۇمدا بىر ئايال ھاياتىدىن ئايرىلدى، بىر پۇقرا يارىلاندى.
ھۇجۇمدىن كېيىن، يېزىدا ياشاۋاتقان تەخمىنەن 100 پۇقرا، ھاممان تۈركمەنلىرى رايونىدىن پاناھلىق تىلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك، « M4» تاش يولىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئىشغال قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان رايونلاردىن، «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» چېگرالىرى ئىچىدىكى ئولتۇراق رايونلىرىغا دائىم دېگۈدەك ھۇجۇم قىلماقتا ئىكەن.