پۇتىن: ئامېرىكا - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ئامېرىكا ئىچكى سىياسىتىگە قۇربان بولۇپ كەتتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇسىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىچكى سىياسىي كۈرەشكە قۇربان بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

1658252
پۇتىن: ئامېرىكا - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ئامېرىكا ئىچكى سىياسىتىگە قۇربان بولۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن شىۋىيېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكا NBC قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا بايانات بەردى.

پۇتىن رۇسىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالغاندا، موسكۋانىڭ ئامېرىكا بىلەن نۇرغۇن ساھەدە ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «خەلقئارا مۇناسىۋەتتە مۇقىملىق ۋە ئالدىن پەرەز قىلىش ئەڭ مۇھىم قىممەت قاراش ھېسابلىنىدۇ. بىز ئۆتكەن يىللاردا ئامېرىكالىق شېرىكلىرىمىز تەرىپىدىن بۇ جەھەتتە ھېچ نەرسە كۆرەلمىدۇق» دېدى.

پۇتىن، ئامېرىكانىڭ رۇسىيەنى سايلامغا ئارىلىشىش ۋە تور ھۇجۇمى قوزغاش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «رۇسىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكادىكى ئىچكى سىياسىي كۈرەشكە قۇربان بولۇپ كەتتى» دېدى.

ئۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكاغا تور بوشلۇقى ساھەسىدە ھەمكارلىشىش تەكپىلىنى سۇنغانلىقلىرىنى، ئەمما ئامېرىكانىڭ بۇ تەكلىپنى رەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ تور بوشلۇقى ساھەسىنى «ئۇرۇش» رايونى دەپ جاكارلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن پۇتىن، رۇسىيەنىڭ بۇنىڭدىن «بىئارام بولغانلىقى» نى قەيت قىلدى.

پۇتىن خىتاينىڭ تۆتىنچى ئاۋىياماتكا ياساش تىرىشچانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ، بۇنىڭ رۇسىيەگە خەتەر ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئاۋىياماتكىغا ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

رۇسىيەدە قاماقتا يېتىۋاتقان رۇس ئۆكتىچى ئالېكسېي ناۋالنىي بىلەن مۇناسىۋىتى بار تەشكىلاتلارنىڭ ئاشقۇنلۇق بىلەن ئەيىبلىنىشى مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغان پۇتىن، رۇسىيەدە «چەت ئەل جاسۇسى» قانۇنىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ بىز كەشىپ قىلغان نەرسە ئەمەس. چەت ئەل جاسۇسى قانۇنى 1930- يىللاردا ئامېرىكادا ماقۇللانغان بىر قانۇن بولۇپ، ئۇ بىزنىڭكىگە قارىغاندا  تېخىمۇ قاتتىق. ئۇ ئامېرىكانىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىغا ئارىلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئومۇمەن، مەن بۇ قانۇننى توغرا دەپ قارايمەن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر