غەننۇشىغا سۇيىقەست قىلىشنىڭ پىلانلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۇنىستىكى نەھدە (ئويغىنىش) ھەرىكىتى، پارتىيە رەھبىرى، شۇنداقلا پارلامېنت باشلىقى راشىد ئەلغەننۇشىنىڭ ھاياتىغا سۇيىقەست قىلىش تەھدىتى بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

1655877
غەننۇشىغا سۇيىقەست قىلىشنىڭ پىلانلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نەھدە ھەرىكىتى بايانات ئېلان قىلىپ، غەننەشىنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ ئېغىر تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ غەننوشىغا <ئۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى نىشان قىلغان بىر تېررورلۇق خەۋپى بارلىقى توغرىسىدا> مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۇنىس پارلامېنتى باشلىقى راشىد ئەلغەننۇشىنىڭ مەسلىھەتچىسى رىياد شۇئەيبى تۈنۈگۈن كەچتە بايانات بېرىپ، بىخەتەرلىك خادىملىرىدىن غەننوشىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش خەۋىپى توغرىسىدا ئۇچۇر ئىگىلىگەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن ۋە دائىرىلەرنىڭ غەننوشىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى.

2019 - يىلى 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن باشلاپ تۇنىستا پارلامېنت باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان راشىد ئەلغەننۇشى، ھەبىب بورگۇيبا (1956 - 1987) بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلانغان رەھبەر زەينەلئابىدىن بىن ئەلى (1987 - 2011) دەۋرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۆكتىچىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ھاياتىنىڭ 20 يىلىنى سۈرگۈندە ئۆتكۈزگەن غەننوشى، 2011 - يىلى 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى — ئەرەب باھارى مەزگىلىدە تۇنىسقا قايتىپ كەلگەنىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر