ئاۋسترالىيەدە بوران - چاپقۇن ۋە سۇ ئاپىتى ئېغىر تالاپەت يەتكۈزدى
ئاۋسترالىيەنىڭ ۋىكتورىيە ئىشتاتىغا ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن بوران - چاپقۇن ۋە سۇ ئاپىتى سەۋەبىدىن 200 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي توكسىز قالدى.
1655413
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترالىيەنىڭ ۋىكتورىيە ئىشتاتىدا يېرىم كېچىدە سۈرئىتى تەخمىنەن 119 كىلومېتىرغا يەتكەن بوران - چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن، بەزى تاش يوللار تاقالدى، دەل – دەرەخلەر ئۆرۈلۈپ چۈشتى.
ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بوران - چاپقۇن ۋە سۇ ئاپىتى سەۋەبىدىن 200 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي توكسىز قالدى.