بەششەر ئەسەد كۈچلىرى مۇساپىرلار لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى

سۈرىيەدە بەششەر ئەسەد كۈچلىرى ئىدلىب سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونى چېگرالىرىدىكى بىر مۇساپىرلار لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى.

1654699
بەششەر ئەسەد كۈچلىرى مۇساپىرلار لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششەر ئەسەد كۈچلىرى، ئىدلىبنىڭ شەرقىدىكى تائوم رايونىدا، مەجبۇرىي ھالدا ئۆي – ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان پۇقرالار پاناھلىنىۋاتقان ئەكبەر مۇساپىرلار لاگېرى، مەسچىت ۋە مەكتەپكە ئەتىگەن تەرەپلەردە ھۇجۇم قىلدى.

ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن ھۇجۇملار ئەسناسىدا مەكتەپ ۋە مەسچىت ئەتراپىدا پۇقرالار ياشايدىغان چېدىر ۋە قۇراشتۇرۇلما ئۆيلەرنىڭ بولماسلىقى، يۈز بەرگۈسى پاجىئەنىڭ ئالدىنى ئالدى.

2020 – يىلى، 5 – مارت كۈنى،  تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا موسكۋادا كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالانغانىدى.

بەششەر ئەسەد كۈچلىرى پات – پات خىلاپلىق قىلىۋاتقان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئاساسىي جەھەتتىن ئىجرا قىلىنماقتا.

2017 – 2020 – يىللى تەخمىنەن 2 مىليون پۇقرا، رۇسىيە ۋە بەششەر ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن رايونلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر