پاكىستاندا يۈز بەرگەن پويىز قازاسىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى كۆپەيدى
پاكىستاننىڭ سىندى ئۆلكىسىدە تۈنۈگۈن مەيدانغا كەلگەن پويىز قازاسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 62 گە يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋامىدا يەنە 11 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغان، شۇنىڭ بىلەن، پويىز قازاسىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 62 گە يەتكەن.
تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، پويىز قازاسىدا 100 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان بولۇپ، يارىدارلاردىن بىر قىسمىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.
يەنە بىر تەرەپتىن، نەق مەيداندا تەكشۈرۈشلەردە بولغان تۆمۈر يول ئىشلىرى مىنىستىرى مۇھەممەد ئازام خان سۋاتى، قازانىڭ كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى ۋە جاۋابكارلارنىڭ جازانلاندۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سىندى ئۆلكىسىسىنىڭ گوتكى رايونىدا كېتىۋاتقان يولۇچىلار پويىزىنىڭ تۈنۈگۈن ئەتىگەن تەرەپلەردە ۋاگونى ئاجراپ كېتىپ، قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان باشقا بىر يولۇچىلار پويزىغا سوقۇلۇپ كەتكەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئوخايودا قوراللىق ۋەقە يۈز بەردى
ئامېرىكانىڭ ئوخايو ئىشتاتىدا بىر تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىدە، قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.