پەلەستىن تىركەشكۈچىلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئوققا تۇتتى

پەلەستىن تىركىشىش كۈچلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا پەس ئۇچقان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئوققا تۇتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1651541
پەلەستىن تىركەشكۈچىلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئوققا تۇتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى يېرىم كېچىدە غەززە شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى ئەززەيتۇن، ئەششۇجائىييە ۋە ئەتتۇففاھ، غەربىدىكى ئەششاتى، تەل ئەلھەۋا ۋە ئەررىمال مەھەللىلىرى بىلەن غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى جىبالىيە، بەيت لەھىيە ۋە ئەلكەرامە مەھەللىلىرى ئۈستىدە پەس ئۇچقان.

غەززە شەھىرى ئەتراپىدا بۇ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى قويۇق ئوققا تۇتۇلغان.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەخمىنەن 10 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى، بولۇپمۇ شۇجائىييە مەھەللىسىدە ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە پەس ئۇچقان ۋە بۇ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ چۈشۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئوققا تۇتۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر