مالايشىيا خىتاينىڭ 16 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى

مالايشىيا ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن خىتاينىڭ 16 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ مالايشىيا ھاۋا تەۋەلىكىگە دەخلى قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1650114
مالايشىيا خىتاينىڭ 16 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىشامۇددىن ھۈسەيىن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مالايشىيا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان مەزكۇر ۋەقەگە ئالاقىدار باياناتىغا ئاساسەن، مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مالايشىيا ھاۋا تەۋەلىكىگە دەخلى قىلىش قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، دىپلوماتىك ئۇلتىماتوم يوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھىشامۇددىن: «16 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ مالايشىيانىڭ ھاۋا بوشلۇقى ۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە دەخلى قىلىشىغا ئىزاھات بېرىشى ئۈچۈن خىتاينىڭ مالايشىيادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مىنىستىرلىققا چاقىرىلىدۇ» دېدى.

ئۇ، مالايشىيانىڭ ھاۋا بوشلۇقى ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش مەسىلىسىدىكى ئەندىشىسىنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىغىمۇ يەتكۈزىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «مالايشىيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارزۇسى، ئۆزىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە يول قويىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مالايشىيا ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە شەرىپىنى قوغداش ئىرادىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

خىتاينىڭ مالايشىيادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ يازما باياناتىدا بولسا، تۈنۈگۈنكى ئۇچۇشنىڭ مالايشىيانىڭ ھاۋا بوشلۇقى ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزمىگەنلىكى، ئۇنىڭ دائىملىق مەشىق ئايروپىلانى ئۇچۇشى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

تۈنۈگۈن مالايشىيا ھاۋا ئارمىيەسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، 5- ئاينىڭ 31- كۈنى خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 16 ئايروپىلانىنىڭ مالايشىيا ھاۋا بوشلۇقى تەۋەلىكىگە قانۇنسىز ھالدا كىرگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر