خەۋپسىزلىك كېڭىشى مالىدىكى سىياسىي كىرىزىس توغرىسىدا يېپىق يىغىن ئۆتكۈزدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشى، مالى ئارمىيەسىنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشىنى ئەيىبلىدى.
1646478
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، مالىدىكى سىياسىي كىرىزىس توغرىسىدا چاقىرىلغان يېپىق يىغىندىن كېيىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، سايلام ۋە ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان 18 ئايلىق پۇقراۋى مۇساپىنى قوللايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.