ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش خىزمەتلىرىنى پىلاندىن بۇرۇن ئورۇنداپ بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ 7- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئافغانىستاندىن چېكىنىش مۇساپىسىنى تاماملىشىدىن ئۈمىد بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

1645756
ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش خىزمەتلىرىنى پىلاندىن بۇرۇن ئورۇنداپ بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ 11- سېنتەبىر ھۇجۇمىنىڭ خاتىرە كۈنىگىچە ئافغانىستاندىكى بارلىق ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ بولۇش قارارىدىن كېيىن، ئاپرېل ئېيىنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى باشلانغان چېكىنىش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

ئامېرىكا مەركىزى قىسىملار قوماندانلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «پىرېزىدېنتنىڭ قارارىدىن بۇيان، ئامېرىكا ئافغانىستاندىن تەخمىنەن 160 دانە C-17 يۈكىچىلىك لازىمەتلىكنى چىقاردى ۋە يوقىتىپ تاشلىنىشى ئۈچۈن مۇداپىئە ئارقا سەپ ئورگىنىغا 10 مىڭ پارچە ئۈسكۈنە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىكى بەش ھەربىي رايوننى ئافغانىستان مىللىي ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «مەركىزىي قىسىملار قوماندانلىق ئورگىنىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، چېكىنىش %16 بىلەن %25 گىچە بولغان ئارىلىقتا تاماملانغان» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

قوماندانلىق ھازىرغىچە چېكىندۈرۈلگەن ئەسكەر سانىنى رەسمىي يۇسۇندا ئېلان قىلمىدى.

ئىسمىنىڭ ئاشكارىلانماسلىقىنى تەلەپ قىلغان ھەربىي ئەمەلدارلار «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،  چېكىنىش مۇساپىسىنىڭ 7- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، يەنى 11- سېنتەبىر خاتىرە كۈنىدىن ئىككى ئاي بۇرۇن تاماملىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستان قىسىملىرىنى داۋاملىق مەشىق قىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەمەلدارلار، مەشىق قىلدۈرۈش ئۈچۈن دۆلەت ئىزدەشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئىيوردانىيەنىڭ بۇ تاللاشلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر