خىتاي پاراخوتلىرى ياپونىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى

خىتاينىڭ 4 پاراخوتى شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش – تارتىشلىق سېنكاكۇ ئاراللىرى ئەتراپىدا ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى.

1645215
خىتاي پاراخوتلىرى ياپونىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكىناۋا ئۆلكىسىنىڭ ناھا ناھىيەسىدىكى 11 – رايونلۇق ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  تۈنۈگۈن (2021-يىلى 25-ماي) شۇ جاي ۋاقتى 16.30 ئەتراپىدا تالاش – تارتىشلىق سېنكاكۇ ئاراللىرى ئەتراپىدا ئايلانغان خىتاينىڭ 4 دانە ساھىل بىخەتەرلىك پاراخوتى، رايوندىكى ئۇئوتسۇرى ۋە تايشو ئاراللىرىغا يېقىنلاشقان.

ياپونىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى، خىتاي پاراخوتلىرىنى رايوننى تەرك ئېتىشى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرغان.

ياپونىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىيو - تېلېۋىزىيە ئورگىنى (NHK) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايغا ئائىت پاراخوتلار بۇ يىل سېنكاكۇ ئاراللىرى ئەتراپىدا ئۇدا 16 قېتىم ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايدا 1 – ئاپرېل كۈنى كۈچكە ئىگە قىلىنغان قانۇن، خىتايىڭ ساھىل بىخەتەرلىكى ئورگىنىغا، مەزكۇر دېڭىز تەۋەلىكلىرىدە قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلمىغان چەت ئەل پاراخوتلىرىغا قارشى قورال ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىدىكەن.

كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قانۇن، خىتايغا، شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش – تارتىشلىق سېنكاكۇ ئاراللىرى ئەتراپىدا قاتنايدىغان ياپونىيە پاراخوتلىرىنى نىشان قىلىش ھوقۇقى بېرىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، شەرقىي خىتاي دېڭىزىدا، ياپونىيە «سېنكاكۇ»، خىتاي بولسا «ىياۋيۈ» دەپ ئاتايدىغان تاقىم ئاراللار،  5 ئارال ۋە 3 قىيالىقتىن تەشكىل تاپىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر