ئامېرىكا: ئافغانىستانغا قايتىدىن ئەسكەر ئەۋەتىش پىلانىمىز يوق

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىربى، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ چېكىنىشىدىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستانغا قايتىدىن تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىسىملىرىنى ئەۋەتىش پىلانى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

1624647
ئامېرىكا: ئافغانىستانغا قايتىدىن ئەسكەر ئەۋەتىش پىلانىمىز يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىربى، كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈشىدىن كېيىن ئافغانىستاننىڭ ۋەزىيىتى ياماملىشىپ كەتكەن تەقدىردە، رايونغا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىسىملىرىنىڭ ئەۋەتىلىپ ئەۋەتىلمەيدىغانلىقىغا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنداق دېدى: «كابۇل ھۆكۈمىتى بىلەن تېررورىزمغا قارشى كۈرەش كۈچلىرىنىڭ قايتىدىن ئافغانىستانغا ئەۋەتىلىش ئېھتىماللىقى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بارغىنىمىز يوق، ئافغانىستاندىن ئوتتۇرىغا چىققۇسى تەھدىتلەرگە قارشى رايوندا يېتەرلىك دەرىجىدە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش كۈچى تۇرغۇزىمىز.»

ئافغانىستانغا قايتىدىن ئەسكەر ئەۋەتىش پىلانلىرىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن كىربى، مۇنداق دېدى: «دۇنيا مىقياسىدا كۈچلۈك تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىقتىدارىمىز بار. دۇنيادا بىز زەربە بەرمەكچى بولغاندا زەربە بېرەلمەيدىغان يەر يوق.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى بارلىق قىسىملىرىنىڭ 1 – مايدىن باشلاپ 2021 – يىلى 11 – سېنتەبىرگىچە چېكىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر