كولومبىيەدە 11 كان ئىشچىسىنىڭ جەسىتى ئارىدىن 21 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن تېپىلدى

كولومبىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى مەمۇرىي رايونى كالداس شەھىرىدە 30-مارتتا قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن بىر كاننى سۇ باسقان ۋە 11 كىشى كاندا قاپسېلىپ قالغان بولۇپ، ئارىدىن 21 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن 11 كان ئىشچىسىنىڭ جەسىتى تېپىلدى.

1624680
كولومبىيەدە 11 كان ئىشچىسىنىڭ جەسىتى ئارىدىن 21 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيە دۆلەتلىك كان ئىدارىسى (ANM) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، نېيرا ناھىيەسىگە قاراشلىق ئەلبۇسكىيۇ يېزىسىدا قانۇنسىز ئالتۇن كانىدا ئىشلەۋاتقان 11 كان ئىشچىسىنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كولومبىيەدىكى قانۇنسىز كانلاردا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ۋە نازارەتنىڭ كەمچىللىكى سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئەجەللىك ھادىسىلەر يۈز بېرىپ كەلمەكتە.

دۆلەتلىك كان ئىدارىسى (ANM) نىڭ بىلدۈرۈشىچە 2020-يىلى 161 كان ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 171 كىشى قازا قىلغان. يىل بېشىدىن بۇيان يۈز بەرگەن 27 كان ۋەقەسىدىمۇ 43 كان ئىشچىسى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

كولومبىيەدە 2010-يىلى يۈز بەرگەن كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسىدە 73 كىشىنىڭ قازا قىلىشى «دۆلەت تارىخىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق ھادىسە» دەپ قەيت قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر