لىۋىيەدە ۋاكسىنا ئەملەش سەپەرۋەرلىكى باشلاندى

لىۋىيەدە كوۋىد-19 يۇقۇمىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ۋاكسىنا ئەملەش سەپەرۋەرلىكى باشلاندى.

1618916
لىۋىيەدە ۋاكسىنا ئەملەش سەپەرۋەرلىكى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد دىبەيبە پايتەخت تىرىپولىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، كوۋىد-19 يۇقۇمىغا قارشى ۋاكسىنا ئەملەش سەپەرۋەرلىكىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باش مىنىستىر ئابدۇلھەمىد دىبەيبە ۋاكسىنىنى دۆلەتكە ئېلىپ كېلىشنىڭ ئاسان بولمىغانلىقىنى، نۇرغۇنلىغان دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن بۇ دائىرىدە كۆرۈشكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە تۇنجى مىقدار ۋاكسىنا ئەملەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

دۆلەتلىك كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى بەدرىددىن ئەنناججارمۇ ۋاكسىنا ئەملەشتە سەھىيە خادىملىرى، ياشانغانلار ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرنىڭ ئالدىنقى پىلانغا قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر