ۋېنېزۇئېلا خەلقئارالىق جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلدى

ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خورگې ئاررېزا (Jorge Arreaza) ب د ت دىن چېگرادىكى كولومبىيەلىك قالايمىقان قوراللىق گۇرۇپپىلارغا قارشى كۈرەشتە، تخنىكىلىق ۋە دىپلوماتىك ياردەم تەلەپ قىلدى.

1616316
ۋېنېزۇئېلا خەلقئارالىق جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خورگې ئاررېزا پايتەخت كاراكاستا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، چېگرادىكى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ۋېنېزۇئېلا تەرەپكە كۆمگەن مېنالارنى بايقاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدە، ب د ت مېنا تازىلاش ئورگىنىدىن تېخنىكىلىق ياردەم تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ب د ت دىن كولومبىيەلىك قالايمىقان قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ قەيەردە يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، كولومبىيە پىرېزىدېنتى ئىۋان دۇكې (Ivan Duque) نىڭ مەزكۇر گۇرۇپپىلارنى قوغداۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىگە ئىشارە قىلدى.

ب د ت نىڭ ۋېنېزۇئېلا بىلەن كولومبىيەنىڭ چېگرا رايونلىرىدىكى كىرىزىسنى بىرلىكتە ھەل قىلىش ئۈچۈن بىۋاستە ئالاقە قانىلى قۇرۇشقا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ھازىر ئىككى دۆلەت كۈچلىرى ئارىسىدا كوردىناتسىيەنىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

چېگراغا يېقىن رايونلاردا ياشايدىغان 5 مىڭدىن ئارتۇق ۋېنېزۇئېلالىقلارنىڭ توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، كولومبىيە تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلىكى بىلىنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر