لىۋىيە ھۆكۈمىتى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئەلچىخانىلىرىنى قايتىدىن ئېچىشقا چاقىردى

لىۋىيە ھۆكۈمىتى پايتەخت تىرىپولىدا ئەلچىخانا ئاچمىغان دۆلەتلەرگە، لىۋىيەلىكلەرگە ۋە دۆلەتتىكى چەت ئەللىكلەرگە خىزمەت ئۈچۈن بۇ قەدەمنى بېسىش مۇساپىسىنى تېزلەشتۈرۈشنى چاقىرىق قىلدى.

1614721
لىۋىيە ھۆكۈمىتى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئەلچىخانىلىرىنى قايتىدىن ئېچىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نەجلا ئەلمەنگۇش تۈنۈگۈن (2021-يىلى 4-ئاپرېل) تىرىپولىغا زىيارەتكە كەلگەن ياۋروپا كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلىز مىشېل بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

نەجلا ئەلمەنگۇش: «باشقا دۆلەتلەرنى لىۋىيە پۇقرالىرىغا ۋە چەت ئەللىكلەرگە تېز سۈرئەتتە خىزمەت بېرىش ئۈچۈن ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلارنى قايتىدىن ئېچىش مۇساپىسىنى تېزلەشتۈرۈشكە چاقىرىمىز» دېدى.

ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ، مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە سايلاملارنى ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈش شەرتلىرىنى مۇۋاپىق ھالغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، سايلام كومىتېتىغا ھەر تۈرلۈك ياردەملەرنى قىلغانلىقلىرىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سايلام كومىتېتىنى تېخنىكا، ئارقا سەپ ۋە تەلىم-تەربىيە جەھەتتىن قوللىشىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ چەت ئەللىك ياللانما جەڭچىلەرنىڭ لىۋىيەدىن دەرھال چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن ناھايىتى ئوچۇق ۋە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ لىۋىيەدىن ياۋروپاغا قانۇنسىز كۆچ ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، لىۋىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل ھەمكارلىقنى شەرت قىلغان مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر