كازىمى سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتىنى باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ئىراق باش مىنىستىرى مۇستاپا كازىمى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى ئۇقتۇردى.
1612138
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى مۇستاپا كازىمى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ: «دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن قېرىنداش دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستانغا قاراپ كېتىۋاتىمەن. زىيارەتنىڭ مەقسىتى قېرىنداش ئىككى دۆلەتنىڭ ناھايىتى ياخشى كېتىۋاتقان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش، شۇنداقلا رايوندا تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.