ھوندۇراس پىرېزىدېنتىنىڭ ئىنىسى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

ھوندۇراس پىرېزىدېنتى خۇان ئورلاندو ھېرناندېزنىڭ ئىنىسى ئانتونىيو ھېرناندېز زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

1611765
ھوندۇراس پىرېزىدېنتىنىڭ ئىنىسى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە ئېچىلغان سوتتا، زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن  ھوندۇراس پىرېزىدېنتى ھېرناندېزنىڭ ئىنىسىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈم ئېلان قىلىندى.

2019- يىلى زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىكى ۋە پارىخورلۇق جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئانتونىيو ھېرناندېزغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ، قوشۇمچە 30 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى. سوت مەھكىمىسى ھېرناندېزغا يەنە 138 مىليون 500 مىڭ دوللار جەرىمانە قويدى.

ھېرناندېزنىڭ ئادۋوكاتلىرى بۇ قارارغا نارازىلىق ئەرزى سۇنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ھوندۇراس پىرېزىدېنتى ئۆزىنىڭ ئىسمىمۇ ئارىلىشىپ قالغان زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى.

پىرېزىدېنت ھېرناندېزنىڭ ئىنىسى ئانتونىيو ھېرناندېزمۇ 2019- يىلى ئۆكتەبىردە نىيۇ يورك سوتى تەرىپىدىن زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىكى ۋە پارىخورلۇق جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن، شۇنداقلا پىرېزىدېنتنىڭمۇ بۇ ئەتكەسچىلىك دېلوسى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر