ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى 24 – 23 – مارت كۈنلىرى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدۇ.
1602013
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن ئۇزۇندىن بۇيان ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ كېلىنىۋاتقان يىغىن، بۇ قېتىم بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ناتو قارارگاھىدا يۈزتۇرانە چاقىرىلىدىكەن. يىغىندا، ئافغانىستان ۋە ئىراقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
«كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن ناتو قارارگاھىغا كىرىشىگە رۇخسەت بېرىلمىگەن ژۇرنالىستلارمۇ چەكلىك ساندا يىغىننى نەق مەيداندىن كۆزىتەلەيدىكەن.
يىغىننى كۆزىتىشنى خالايدىغان ئاخبارات مەنسۇپلىرىدىن، ئەڭ كۆپ بولغاندا 72 سائەت بۇرۇنقى PCR تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆرسىتىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن.