لىۋانلىق شىئە ئالىم تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى

لىۋانلىق شىئە ئالىم شەيخ سۇبھى تۇفەيلى، لىۋىيەدە مۇھىم رولنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى ھەمدە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىمۇ تۈركىيەنى ئۈلگە قىلىشقا چاقىردى.

1600510
لىۋانلىق شىئە ئالىم تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەيخ سۇبھى تۇفەيلى، Youtube  قانىلىدا ئېلان قىلغان «قۇرئان كەرىمدە پىتنە – ئىغۋالارنى تۈگىتىش، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ياخشى ئۈلگە» تېمىلىق جۈمە خۇتبىسىدە، لىۋىيەدە ھاسىل قىلىنغان سىياسىي ئورتاق تونۇش ۋە تۈركىيە ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىجابىي رولغا مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيەنىڭ، لىۋىيە مەسىلىسىدە ئىككى سىگنال بويىچە پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقانلىقىنى ۋە سىياسىي پوزىتسىيەسى قوبۇل قىلىنمىغاندىن كېيىن، باشقا تاللاش خاراكتېرلىك مېتودلارنى ئىشلىتىشكە يۈزلەنگەنلىكىنى ئېيتقان شەيخ سۇبى تۇفەيلى، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تۈركلەر مۇسۇلمانلارنىڭ قىممەت قارىشىنى قوغداشتا چىڭ تۇردى، بىزمۇ ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمىز، بۇ مۇكەممەل بىر ئۈلگىدۇر، مەن بارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيەنى ئۈلگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، لىۋىيە ۋە ئەزەربەيجاندا ناھايىتى ياخشى ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن شەيخ تۇفەيلى، ئىراننىمۇ يەمەن، ئىراق، سۈرىيە ۋە لىۋاندا ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر