كۇبىس لىۋىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرگە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيە ئالاھىدە ۋەكىلى يان كۇبىس لىۋىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشقا چاقىردى.

1588882
كۇبىس لىۋىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرگە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت لىۋىيەنى قوللاش ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، يان كۇبىسنىڭ بىر ھەپتە بويىچە لىۋىيەدىكى ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ب د ت نىڭ چەت ئەل كۈچلىرى ۋە ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ لىۋىيەدىن چىقىرىۋېتىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارارىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى قوللىشىنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ب د ت ۋەكىلى كۇبىس 2021 - يىلى 12 - ئايدا سايلام ئۆتكۈزۈشنىڭ شەرتى بولغان كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىشى يولىدىكى تىرىشچانلىقىنى داۋاملىق قوللايدۇ.

كۇبىس لىۋىيەدىكى زىيارىتى جەريانىدا 17 – فېۋرالدا توبرۇك ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئاقىلە سالىھ ۋە 19 - فېۋرالدا دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھافتەر بىلەن كۆرۈشكەنىدى.

ئۇ ئالدىنقى شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەتنىڭ يېڭى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ بېشىغا ئۆتكەن پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى باشلىقى مۇھەممەد مەنفى ۋە باش مىنىستىر ئابدۇلھەمىد دىبەيبەنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

12 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىكى پىرېزىدېنتلىق ۋە پارلامېنت سايلىمىغىچە باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان دىبەيبەنىڭ ئەڭ كېچىككەندىمۇ 26 - فېۋرالغىچە كابىنېت تەشكىللەپ، ئاۋام پالاتاسىغا سۇنۇپ، ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشىشى كۈتۈلمەكتە.


خەتكۈچ: #ب د ت , #لىۋىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر