يەھۇدىي كۆچمەنلەر پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلدى

ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يەھۇدىي كۆچمەنلەر پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئاپتوموبىللىرىغا ھۇجۇم قىلدى.

1585253
يەھۇدىي كۆچمەنلەر پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى تەرماسىيا رايونىغا يېقىن جايدا، يەھۇدىي كۆچمەنلەر پەلەستىنلىكلەرنىڭ توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىللىرىغا تاش بىلەن ھۇجۇم قىلدى، بالونلىرىنى ئۆتكۈر قوراللار بىلەن كېسىپ، زىيان يەتكۈزدى.

كىملىكىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن دوپپا كىيگەن ھۇجۇمچىلار، ناھايىتى تېزلا نەق مەيداندىن يىراقلاشتى.

ئىگىلىنىشىچە، قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەر، پات – پات پەلەستىنلىكلەرگە ئىرىقچىلىق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر