ئىراقنىڭ شىمالىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان «پەنجە بۈركۈت – 2 ھەربىي ھەرىكىتى» داۋامىدا 33 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1582306
ئىراقنىڭ شىمالىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا، تېررورچىلارغا قارشى 10 – فېۋرال كۈنى باشلانغان «پەنجە بۈركۈت – 2 ھەربىي ھەرىكىتى» نىڭ پىلان بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقى، بۇ دائىرىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىككى كاتتىبېشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 33 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى، تېررورچىلارغا ئائىت پاناھ جاي، ئوق - دورا ئىسكىاتلىرى، ئاتالمىش قارارگاھ جايلىرى ۋە غارلاردىن تەشكىل تاپقان 50 تىن ئارتۇق نىشاننىڭ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، ئاساسىي جەھەتتىن يەرلىك ۋە مىللىي ئوق – دورا ھەم قورال – ياراغلار ئىشلىتىلگەن ھاۋا ھۇجۇملىرىدا نىشانلارنىڭ پۈتۈنلەي يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەنلىكى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رايوندىكى مەۋجۇدىيىتىگە ئېغىر زەربە بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر