خىتاي ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ئاۋىياماتكاسىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئورتاق مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1580606
خىتاي ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىزدا كۆچ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىزچىل ھالدا پاراخوتلىرىنى ۋە ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى يوللاۋاتىدۇ. بۇ رايوندىكى تىنچلىق ۋە مۇقىلملىققا پايدىلىق ئەھۋال ئەمەس» دېدى.

ئۇ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قەتئىيلىك بىلەن زۆرۈر قەدەملەرنى باسىدىغانلىقىنى ۋە جەنۇبىي دېڭىزدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن رايون دۆلەتلىرى بىلەن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ فىرانسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىككى پاراخوتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا، «ئەركىن سەپەر قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغانلىقى» ھەققىدىكى سوئالغىمۇ، ئوخشاش سۆزلەر بىلەن جاۋاب بەردى.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «ئۇ س س تېئودور رۇزۋېلت» (USS Theodore Roosevelt) ۋە «ئۇ س س نىمىتز» (USS Nimitz) ناملىق ئاۋىياماتكالار، ھەمدە بۇ ئاۋىياماتكالارنىڭ ھۇجۇم پاراخوتلىرى، جەنۇبىي دېڭىزدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ئىدى.

ئامېرىكا ئۆتكەن ھەپتە «ئۇ س س جون مېككايىن» پاراخوتىنى، خىتاي ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزدىكى پاراسېل ئاراللىرىغا يېقىن كېلىدىغان جايغا ئەۋەتكەن ئىدى. خىتاي ئارمىيەسى بۇنىڭغا قارشى ھاۋا ۋە دېڭىز ئاپپاراتلىرىنى رايونغا ئەۋەتىپ ئامېرىكا پاراخوتىنى يىراقلاشتۇرغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر