پ ك ك / ي پ گ بابقا راكېتامىيوت ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلدى

پ ك ك / ي پ گ تېرورلۇق تەشكىلاتى سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھەلەب ۋىلايىتىنىڭ باب ناھىيەسىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىغا راكېتامىيوتلۇق ھۇجۇم قىلدى.

1579906
پ ك ك / ي پ گ بابقا راكېتامىيوت ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پ ك ك / ي پ گ تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھەلەب ۋىلايىتىنىڭ باب ناھىيەسىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىغا قاراتقان راكېتامىيوت ھۇجۇمىدا ئۈچى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي توققۇز كىشى يارىلاندى؛ يارىدارلار يېقىن ئەتراپتىكى بىر دوختۇرخانىغا يۆتكەلدى.

مۇنبىچ ناھىيەسىدىكى ئىشغالىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ جەرابلۇسنىڭ جەنۇبىدىكى سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى فىرونتلىرىغا سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنۇشى جەريانىدا يۈز بەرگەن تۈنۈگۈنكى توقۇنۇشتا سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ بىر ئەسكىرى شېھىت بولغانىدى.

تۈركىيەنىڭ بىر تەرەپتىن رۇسىيە، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىملىرىگە قارىماي، پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى تەلرىفات ۋە مۇنبىچ ناھىيەلىرىدىن تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ بازىلىرى سۈپىتىدە پايدىلىنىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر