بىر قىسىم شەرق دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار؛
دۇنيا مىقياسىدا كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىليون 248 مىڭدىن ئاشتى. يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 103 مىليون 945 مىڭدىن ئېشىپ، ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ سانى 75 مىليون 763 مىڭغا يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاندا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 93 كىشى قازا قىلدى، 8 مىڭ 540 كىشى يۇقۇملاندى. ھىندىستاندا قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 154 مىڭ 521 گە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 10 مىليون 767 مىڭ 159 غا يەتتى.
ياپونىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 5 مىڭ 846 كىشى قازا قىلدى، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 392 مىڭ 475 كە يەتتى. ياپونىيە باش مىنىستىرى سۇگا يۆشىھىدې: «يۇقۇملىنىش نىسبىتى تۆۋەنلىدى، لېكىن بىز شۇنداقتىمۇ يۇقۇمغا قارشى كۈرەشتە بىر مەزگىل ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك» دېدى ۋە ياپونىيەدە جىددىي ھالەت مۇددىتىنى 7-مارتقىچە ئۇزارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئارىلىقتا كوۋىد -19 تەدبىرلىرىگە رىئايە قىلماي، كەچتە پايتەخت توكيودا ئايلىنىپ يۈرگەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئىتتىپاقدىشى كومېتو پارتىيەسى ئەزاسى توياما كىيوخىكو پارلامېنت ئەزالىقىدىن ئىستىپا بەردى.
مىسىردا كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان 30 مىڭ دوختۇردىن 12 مىڭىغا ۋاكسىنا ئەملەندى. مىسىردا سەھىيە خادىملىرىغا ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتى 21-يانۋاردا باشلانغان بولۇپ، 65 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرگە ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە باشلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئېفىيوپىيەدە 2 مىڭ 93 كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلدى ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 137 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. سەھىيە مىنىستىرلىقى يىل ئاخىرىغىچە نوپۇسنىڭ %20 ىگە ۋاكسىنا ئەملىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.