ئاۋستىرىيەدە مۇسۇلمانلارنى نىشان قىلغان قانۇن لايىھەسى قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىدى

ئاۋستىرىيەدە پارلامېنتنىڭ ئەدلىيە كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قانۇن لايىھەسى نامايىشلارغا سەۋەب بولدى.

1567296
ئاۋستىرىيەدە مۇسۇلمانلارنى نىشان قىلغان قانۇن لايىھەسى قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ۋيېنادىكى ساينت ستېفېن مەيدانىغا توپلانغان ئاۋستىرىيەلىكلەر «پىكىر ئەركىنلىكى خەتەر ئىچىدە»، «بۇ قانۇنغا ياق»،  «ئاساسلىق ئىنسانى ھەق - ھوقۇقلار قوغدىلىنىشى لازىم» دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلارنى ئاچتى.

نامايىشنى ئاۋستىرىيەدىكى نۇرغۇنلىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار، دىنى جامائەت ۋەكىللىرى ۋە بەزى سىياسەتچىلەر قوللاپ - قۇۋۋەتلىدى.

نامايىشتا، پارلامېنتنىڭ ئەدلىيە كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قانۇن لايىھەسىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئاۋازىنى چىقىرىشنى خالايدىغان مۇسۇلمان پائالىيەتچىلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەردىن بىرسى بولغان يازغۇچى  ۋىلھېلم لاڭتالېر ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن لايىھەسى توغرىسىدىكى تۇنجى باياناتىدا، «سىياسىي ئىسلام» نىڭ جىنايەت دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى، لېكىن كېيىن بۇنىڭ ئورنىغا «دىنىي ئاشقۇنلۇق» ئىبارىسىنى قوللانغانلىقىنى ئېيتتى.

يازغۇچى  ۋىلھېلم لاڭتالېر:  «بۇ قانۇن لايىھەسى مۇسۇلمان پائالىيەتچىلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلىدۇ. پەلەستىنلىكلەرنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغدايدىغان كىشىلەرنى قورقۇتۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بىز بۇنىڭغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدۇق» دېدى.

بۇ قانۇن لايىھەسى يولغا قويۇلغان تەقدىردە، سوت ۋە ئەدلىيە رەسمىيەتلىرىگە ھاجەتسىز ھالدا «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» نامى بىلەن ئىنسانلارنى ئاسانلا قولغا ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن لاڭتالېر، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پەلەستىنلىكلەرگە ئوخشاش ئۇسۇللارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىگىلىنىشىچە، ئاۋستىرىيەدە 12-دېكابىردا ئامما بىلەن ئورتاقلىشىلغان تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قانۇن لايىھەسى ئىجرا قىلىنغان تەقدىردە، دىننى مەقسەت قىلغان ئاشقۇنلۇق جىنايى ئىشلار ئېلمېنتى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدىكەن. جەمئىيەت ئۈچۈن خەتەرلىك دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭمۇ ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەتسىز قولغا ئېلىنىشى ئاسانلىشىدىكەن، رادىكال قاراشلارنى تارقاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن جامە ۋە دىنىي جەمئىيەتلەرنى تېخىمۇ تېز تاقىۋەتكىلى بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر