كەلگۈسى ئىككى يىلدىكى ئەڭ چوڭ خەتەرلەر رەتكە تىزىلدى

ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) غا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈملەر ۋە ۋابانىڭ ئىقتىسادىي تەسىرلىرى، كەلگۈسىدىكى ئىككى يىلدا دۇنياغا ئەڭ كۆپ تەسىر قىلىدىغان خەتەرلەر ھېسابلىنىدۇ.

1567123
كەلگۈسى ئىككى يىلدىكى ئەڭ چوڭ خەتەرلەر رەتكە تىزىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى(WEF)  قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك خەتەرلەرنى ئېنىقلاش مەقسىتىدە، «مارش - م ك لېنان ۋە زۇرىخ ئىستراخۇانىيە گۇرۇھى» (Marsh & McLennan) نىڭ قوللىشى بىلەن تەييارلىغان «2021-يىللىق دۇنياۋى خەتەرلەر دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا، 841 خەلقئارالىق مۇتەخەسىس ۋە قارار چىقارغۇچىلاردىن 2021-يىلىغا مۇناسىۋەتلىك ئەندىشەلىرىنى، ئېھتىماللىق ۋە تەسىر قىلىش نۇقتىلىرىدىن رەتكە تىزىش تەلەپ قىلىندى.

مۇتەخەسىسلەر قىسقا مۇددەتلىك ئىككى يىللىق ئەڭ چوڭ خەتەرلەرنىڭ، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا ئوخشاش «يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر»، ۋابانىڭ ئىقتىسادىي تەسىرلىرى ۋە «تۇرمۇش قىيىنچىلىقى» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا بىلدۈرۈلىشىچە، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئىنسانىي ۋە ئىقتىسادىي بەدىلى ئېغىر بولىدىكەن. ۋۇخەن ۋىرۇسى كەمبەغەللىكنى ۋە باراۋەرسىزلىكنى ئازايتىشتا، يىللاردىن بېرى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى كەينىگە قايتۇرۇش بىلەن تەھدىت سېلىپلا قالماستىن، ئىجتىمائىي ئۇيۇشۇش ۋە يەر شارى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدىكەن.

«يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر»، «تۇرمۇش قىيىنچىلىقى» بىلەن «كۈتۈلمىگەن مۇھىت ۋەقەلىرى»، «ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى تەدبىرلىرىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى»، «دىجىتال دۇنيادا باراۋەرسىزلىك»، «ئىقتىسادتا ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرغۇنلۇق»، «تېررورلۇق ھۇجۇملىرى»، «ياشلاردىكى ئۈمىدسىزلىك»، «ئىجتىمائىي ئۇيۇشۇشنىڭ يوقىلىشى» ۋە «ئىنسانلار سەۋەب بولغان مۇھىت بۇزغۇنچىلىقى» قاتارلىقلار كەلگۈسىدىكى ئىككى يىلدا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ئەڭ چوڭ 10 خەتەر ئىچىدىن ئورۇن ئالغان.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر