ئىسپانىيە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز، ئىسپانىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1566270
ئىسپانىيە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز، ئىسپانىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى، بۇ دائىرىدە بۇ يىل ھۆكۈمەتلەر ئارا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پېدرو سانچېز ئىسپانىيە پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن 6 – نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر يىغىنىدىكى سۆزىدە تۈركىيە – ئىسپانىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى.

تۈركىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان ئىككى تەرەپ باشلىقلار يىغىنىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن سانچېز: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى بولغان، شۇنداقلا تولۇق ئەزالىق مۇساپىسى داۋاملىشىۋاتقان، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ئەزاسى تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ ئىسپانىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، تۈركىيە بىلەن ئىجابىي دىيالوگ ئورنىتىشنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

ئىسپانىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش مەسىلىسى  تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئىسپانىيەلىك مەنسەپدېشى ئارانچا گونزالېز لايا بىلەن 8 – يانۋار مادرىدتا ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە 2021- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلۈشى قارار قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر