ئامېرىكادا ئارىدىن 68 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بىر ئايالنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

ئامېرىكادا 1953-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بىر ئايال مەھبۇسنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى.

1562815
ئامېرىكادا ئارىدىن 68 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بىر ئايالنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2004 - يىلى 8 ئايلىق ھامىلدار بىر ئايالنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈپ، قورساقتىكى بوۋاقنى پىچاق بىلەن يېرىپ چىقىرىپ ئوغرىلىغانلىقى ئۈچۈن 2007 - يىلى  ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 52 ياشلىق لىزا مونتگومېرى، ئىندىئانا شىتاتىنىڭ تېررې خاۋتې شەھىرىدە شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 01:31 دە فېدېراتسىيە تۈرمىسىدە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى.

مونتگومېرىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىشى بىلەن ئامېرىكادا ئارىدىن 68 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بىر ئايال مەھبۇسنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان بولدى.

ئامېرىكادا فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم  1953-يىلى دىكابىردا  6 ياشلىق بالىنى ئېلىپ قېچىپ ئۆلتۈرگەن بوننې بروۋن ھېدى ئىسىملىق ​​بىر ئايال مەھبۇسنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر