ۋاشىنگتوندا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، دۆلەتنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ 20 - يانۋاردىكى ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاشىنگتوندا «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلدى.

1561914
ۋاشىنگتوندا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي بايانات ئېلان قىلىپ، ترامپنىڭ جو بايدىننىڭ 20- يانۋاردىكى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىنىڭ زۆرۈر تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ترامپنىڭ، جىددىي ھالەت دائىرىسىدە ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى فېدېراتسىيە جىددىي ئەھۋاللارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىغا بارلىق جىددىي ئېھتىياجلارنى قاندۇرۇش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ترامپ تەرەپدارى نەچچە مىڭ نامايىشچى 6- يانۋار ۋاشىنگتوندىكى دۆلەت باغچىسىغا يىغىلىپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراپ يۈرىگەنىدى.

ساقچىلارنىڭ توساقلىرىدىن ئۆتكەن بىر گۇرۇپپا نامايىشچى دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا كىرىپ، ئامېرىكالىقلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولغانىدى.

يۈز بەرگەن سۈركىلىشلەردە بىر نەپىرى ساقچى بولۇپ جەمئىي بەش كىشى قازا قىلغان ۋە ئامېرىكا دۆلەت مۇھاپىزەتچى قىسىملىرى ۋەقەلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن  دۆلەت مەجلىسىگە ئەۋەتىلگەنىدى.

ۋەقەلەردىن كېيىن، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ دېموكراتىك قاناتقا مەنسۇپ باشلىقى نەنسى پېلوسى، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پېنسنى ۋەقەلەرنى كۈشكۈرتۈشكە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئاساسىي قانۇننىڭ 25- ماددىسىغا ئاساسەن ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاشقان چاقىرغانىدى.

دېموكراتچىلار پارتىيەسى بۈگۈن ترامپنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى سۇنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر