تەلئەبيادتا پارتلاش يۈز بەردى
سۈرىيەنىڭ تەلئەبياد شەھىرى ئەتراپىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچ بىلەن ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىدا ئىككى بالا جېنىدىن ئايرىلدى.
1557123
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، تېررورچىلار تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى سايىسىدا يارىتىلغان سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە مۇقىملىق مۇھىتىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم تىنچلىق بۇلىقى رايونىدا يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچ ئىشلىتىپ تېررورلۇق ھۇجۇمى سادىر قىلغان.