يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم شەرق ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار...

دۇنيا مىقياسىدا كوۋىد – 19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى بىر مىليون 812 مىڭ 675 كە يەتتى. يۇقۇملانغۇچىلار سانى 83 مىليون 102 مىڭدىن، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 58 مىليون 897 مىڭدىن ئاشتى.

1555183
يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم شەرق ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاندا كوۋىد – 19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 148 مىڭ 774 كە؛ يۇقۇملانغۇچىلار سانى 10 مىليون 267 مىڭ 283 كە يەتتى.

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 28 مىڭ 33 كە؛ يۇقۇملانغۇچىلار سانى بىر مىليون 39 مىڭ 161 گە يەتتى. ئافرىقا قىتئەسىدىكى يۇقۇمنىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرىدىغان يولۇچىلارغا كوۋىد – 19 تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈش  شەرتى قويدى.

تۇنىستا يۇقۇم سەۋەبىدىن يەنە 50 ئادەم قازا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى بەش مىڭ 620 گە؛ يېڭىدىن يۇقۇم بايقالغان ئىككى مىڭ 413 ئادەمنى قوشقاندا يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 137 مىڭ 216 گە يەتتى.

كوۋىد – 19 سەۋەبىدىن ئۈچ مىڭ 456 ئادەم قازا قىلغان 231 مىڭ 935 ئادەمدە يۇقۇم بايقالغان ياپونىيەدە، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان تەقدىردە، ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

جەنۇبىي كورېيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 21 ئادەم قازا قىلىشى بىلەن جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 900 گە يەتتى. يېڭىدىن يۇقۇم بايقالغان 967 كىشىنى قوشقاندا جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى 60 مىڭ 740 قا يەتتى.

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ يوقلۇقى دوكلات قىلىنغان خىتايدا، توققۇز نەپىرى دۆلەت ئىچى مەنبەلىك بولۇپ جەمئىي 25 كىشىدە يۇقۇم بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ۋىرۇس ئوتتۇرىغا چىققان خىتايدا ھازىرغىچە تۆت مىڭ 634 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، 87 مىڭ 52 كىشىدە يۇقۇم بايقالغانلىقى دوكلات قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر