زالكالىئانى گىرۇزىيە - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

گىرۇزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىت زالكالىئانى كوۋىد – 19 يۇقۇمىغا قارشى كۈرەشتە تۈركىيەنىڭ گىرۇزىيەگە كۆرۈنەرلىك ياردەملەرنى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1554367
زالكالىئانى گىرۇزىيە - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر زالكالىئانى پايتەختى تىفلىستا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈركىيە بىلەن گىرۇزىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، دۆلىتىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىر گەۋدىلىشىش سىياسەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ گىرۇزىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

زالكالىئانى، گىرۇزىيەنىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە ، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە بىلەن بۇ يۆنىلىشتە مۇھىم قەدەملەرنىڭ تاشلانغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

تۈركىيە بىلەن گىرۇزىيەنىڭ ئىككى قوشنا، دوست ۋە ئىستراتېگىيەلىك شېرىك دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن زالكالىئانى، بۇ كوۋىد – 19 يۇقۇمىغا قارىماي، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىزچىل ئىجابىي تەرەققىي قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، «بىزنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان بۇ يىلقى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىمىزمۇ ناھايىتى ئالدىراش ۋە ئۈنۈملۈك بولدى. بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمەنكى، دۇنياۋى يۇقۇمغا قارشى كۈرەشتە تۈركىيە بىزگە پەۋقۇلئاددە يارەدملەرنى قىلدى. مەن قوشنىمىزغا ئالاھىدە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر