ئامېرىكا ئىراق ئارمىيەسىگە بىرونېۋىك ياردەم قىلدى

ئامېرىكا پايتەخت باغداتتىكى يېشىل رايوننى قوغداشتا ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئىراق ئارمىيەسىگە 30 بىرونېۋىك ياردەم قىلدى.

1554697
ئامېرىكا ئىراق ئارمىيەسىگە بىرونېۋىك ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ باغدادتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، يېشىل رايون بىلەن باغداد شەھەر مەركىزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى ئۈچۈن ئىراق ئارمىيەسىگە 30 بىرونېۋىك ئاپتوموبىل بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

بۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىراق ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا: «ئىراق خەلقىگە مۇقىم ۋە بىخەتەر كەلگۈسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

20- دېكابىردا ئامېرىكانىڭ باغداتتىكى ئەلچىخانىسىغا سەككىز دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلغان بولۇپ، داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ ئارقىسىدا ئىرانغا يېقىن رادىكال شىئە قوراللىقلىرىنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

ۋەقەدىن كېيىن ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئەلچىخانىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر