جەۋاد زارىف: «رايوندىكى ھەر قانداق جېدەل – ماجراغا ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى جاۋابكار»

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف ئامېرىكانى ئەيىبلەپ، «رايوندىكى ھەر قانداق جېدەل – ماجراغا ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى جاۋابكار» دېدى.

1554838
جەۋاد زارىف: «رايوندىكى ھەر قانداق جېدەل – ماجراغا ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى جاۋابكار»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىى ئېلان قىلغان يازما باياناتقا ئاساسلانغاندا، مۇھەممەد جەۋاد زارىف قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇراخمان ئەل سانى ۋە ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارا ئايۋازيان بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەن.

زارىف قاتاردىكى مەنسەپدىشى بىلەن ئۆزئارا مۇناسىۋەت ۋە رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغان.

سۆھبەتتە، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ تاسقى ئارىلىشىشتى خالىي شەكىلدە بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن زارىف ئامېرىكىنى «گۇمانلىق ۋە شەيتانلارچە» قەدەملەرنى تاشلاش بىلەن ئەيىبلىدى.

زارىف: «رايوندىكى ھەر قانداق جېدەل – ماجراغا ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى جاۋابكار» دېدى.

زارىف ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئايۋازيان بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە بولسا، قاراباغدىكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ رايون دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىق ئۈچۈن ئاساس ياراتقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر