يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار

دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى بىر مىليون  737 مىڭدىن ئاشتى، يۇقۇملانغانلار سانى 79 مىليون 57 مىڭغا، ساقايغانلار سانى 55 مىليون 648 مىڭغا يەتتى.

1550959
يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 334 مىڭ 218 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 18 مىليون 917 مىڭغا يەتتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 553 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 70 مىڭ 395 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى بىر مىليون 991 مىڭ 278 گە يەتتى. بۇ ئارىلىقتا، ئىتالىيەدە يېقىن – يورۇقلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بەزى ئائىلىلەر ھۆكۈمەت ئۈستىدىن سوتقا تۆلەم ئەرزى سۇنۇشقا تەييارلانماقتا. «‹ Corriere della Sera› گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 500 ئائىلە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمىغا سەل قارىغانلىقى سەۋەبىدىن، سەھىيە مىنىستىرلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمەتنىڭ جەمئىي 100 مىليون ياۋرو تۆلەم تۆلەش تەلىپى بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

ئەنگىلىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 744 كىشى  بىلەن قوشقاندا،  يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 69 مىڭ 51 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2 مىليون 149 مىڭ 551 گە يەتتى. بۇ ئارىلىقتا، جەنۇبىي ئافرىقادىن كەلگەن 2 كىشىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمىنىڭ تېخىمۇ تېز تارقىلىدىغان باشقا بىر تۈرى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. سەھىيە مىنىستىرى مات ھانكوك، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇنداق دېدى: «<ۋۇخەن ۋىرۇسى> يۇقۇمىنىڭ تېخىمۇ تېز تارقىلىدىغان باشقا بىر خىل تۈرى ئادەمنى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدۇ. چۈنكى بۇ تۈر، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> يۇقۇمىدىن تېخىمۇ تېز تارقىلىدىغاندەك ۋە سۈرئىتى ئەنگلىيەدە ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى شەكلىدىنمۇ تېزدەك قىلىدۇ.» «501.V2» دەپ ئاتالغان ۋە جەنۇبىي ئافرىقادا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ تۈر، جەنۇبىي ئافرىقادىكى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ %  80 – 90 تىنى تەشكىل قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر