مۇھەممەد ئىشتىيە پورتۇگالىيە ھۆكۈمىتىنى پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى

پەلەستىن باش مىنىستىرى مۇھەممەد ئىشتىيە پورتۇگالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاۋگۇستو سانتوس سىلۋانى «پورتۇگالىيە پارلامېنتىڭ ھۆكۈمەتكە سۇنغان پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش» تەكلىپىنى ئىجرا قىلىشقا  چاقىرىق قىلدى.

1550352
مۇھەممەد ئىشتىيە پورتۇگالىيە ھۆكۈمىتىنى پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن باش مىنىستىرلىق ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، پەلەستىن باش مىنىستىرى پورتۇگالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىلۋا بىلەن راماللاھتىكى ئىشخانىسىدا كۆرۈشكەن.

ئۇچرىشىشتا، پورتۇگالىيە پارلامېنتىنىڭ ھۆكۈمەتكە سۇنغان «پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش» تەكلىپىنى ئىجرا قىلىش چاقىرىقىدا بولغان مۇھەممەد ئىشتىيە، «ئىشغالىيەتنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇلىشى ۋە پەلەستىن مەسىلىسىگە ئادىل، ئەتراپلىق ھەل قىلىش چارىسى تېپىلىشى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرى شۇنداقلا خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا خەلقئارالىق بىر بىرلەشمە تەشكىللىنىشى كېرەك» دېگەن.

پورتۇگالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىلۋامۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە ياۋروپادا ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پورتۇگالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىلۋا مۇھەممەد ئىشتىيەدىن ئىلگىرى پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ئەل مالىكى بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ «تىنچلىق مۇساپىسىنى جانلاندۇرۇش ۋە ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مۇزاكىرىلىرىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى» قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدى.

پورتۇگالىيە پارلامېنتىدا 2014 - يىلى 12 - دېكابىر ھۆكۈمەتكە سۇنۇلغان پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشىنى تېزلىتىش تەۋسىيە تەكلىپى كۆپ سانلىقنىڭ قوللاپ بېلەت تاشلىشى بىلەن ماقۇللانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر