فىرانسىيە گېزىتى: قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى تۈركىيەنىڭ كۈچىگە سىمۋوللۇق قىلىدۇ

فىرانسىيەنىڭ «لىبېرەيشن» گېزىتى، قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان كۈچى ۋە زورىيىۋاتقان مۇستەقىللىقىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغانلىقىنى يازدى.

1550273
فىرانسىيە گېزىتى: قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى تۈركىيەنىڭ كۈچىگە سىمۋوللۇق قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، بايراقتار- TB2 ناملىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكى ۋە تەجرىبىلىك تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەنقەرەنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ئاچقۇچ ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان خەۋەردە، مەزكۇر ئاپپاراتلارنىڭ ئىراق، سۈرىيە، لىۋىيە ۋە كاۋكاز قاتارلىق رايونلاردا ئىشلىتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى تەكىتلەندى.

بايراقتار- TB2 ناملىق تۈرك قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ  ئۇدا 27 سائەت ئۇچالايدىغانلىقى، باھا جەھەتتە ئامېرىكانىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىدىن ئەرزان ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان خەۋەردە، مەزكۇر ئاپپاراتلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى ھالىسزلاتقانلىقى تەكىتلەندى..

خەۋەردە يەنە، قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ فېۋرال ئېيىدا سۈرىيەنىڭ شىمالىدا كۈچىنى نامايان قىلغانلىقىنى، نۆەتتە ئۇنىڭ تۈركىيەنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان كۈچى ۋە زورىيىۋاتقان مۇستەقىللىقىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر