پارىژدا سېرىق جىلىتكەلىكلەر ماكرونغا قارشى  نامايىش ئۆتكۈزدى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا سېرىق جىلىتكەلىكلەر پىرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكرون ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

1548489
پارىژدا سېرىق جىلىتكەلىكلەر ماكرونغا قارشى  نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارىژدا دۆلەت كېڭىشى بىناسىنىڭ ئالدىغا يىغىلغان يۈزلىگەن سېرىق جىلىتكەلىكلەر چاتېل مەيدانىغا قەدەر يۈرۈش قىلدى.

ماكرون ھۆكۈمىتىگە قارشى لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشكەن نامايىشچىلار «ماكرون خالىمىسىمۇ بىز بۇ يەردەمىز» دېگەن شوئارلارنى توۋلىدى ۋە كوۋىد -19 بىلەن يۇقۇملانغانلىقى سەۋەبىدىن كارانتىناغا ئېلىنغان پىرېزىدېنت ماكرونغا قارىتىپ: «تەييار بول ماكرون! بىز سېنى ئۆيىڭدىن ئالىمىز» دەپ ۋاقىراشتى.

نامايىش جەريانىدا ئالدىنقى ھەپتە بىخەتەرلىك قانۇن لايىھەسى دائىرىسىدە، ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا قولغا ئېلىنغان بىر نەپەر سېرىق جىلىتكەلىك پائالىيەتچىنى قوللاش ئۈچۈن ھەممەيلەن ئوخشاش كۈنلۈك ئاچتى.

پارىژ ساقچى ئىدارىسى دۆلەت كېڭىشى بىناسى ئەتراپىدا ۋە چامپس ئېلىس كوچىسىدا نامايىش ئۆتكۈزۈشكە يول قويمىدى.

ئىككى يىل ئىلگىرى باشلانغان سېرىق جىلىتكەلىكلەر ھەرىكىتى دۆلەتتە ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي كرىزىسلارغا سەۋەب بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر