سايلىغۇچىلار كېڭىشى جو بايدىننى رەسمىي پىرېزىدېنتلىققا سايلىدى

ئامېرىكادا 538 ۋەكىلدىن تەشكىل تاپقان سايلىغۇچىلار كېڭىشى جو بايدىننى 46-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىققا رەسمىي سايلىدى.

1545657
سايلىغۇچىلار كېڭىشى جو بايدىننى رەسمىي پىرېزىدېنتلىققا سايلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادىكى 50 ئىشتات ۋە پايتەخت ۋاشىنگتوندا 3-نويابىر (2020) ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدىن كېيىن توپلانغان سايلىغۇچىلار كېڭىشى، جو بايدىننىڭ پىرېزىدېنتلىقىنى تەستىقلىدى.

ئامېرىكادا سايلىغۇچىلار كېڭىشىگە كىرگەن تۇنجى تۈرك ۋەكىل دەريا تاشقىنمۇ بېلەت تاشلاشقا قاتناشتى.

جو بايدىن سايلىغۇچىلار كېڭىشىدىكى ئاۋاز تاشلاشتىن كېيىن، ۋىلمىڭتون (Wilmington) دا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ: «تارىخ بويىچە قىلغىنىمىزغا ئوخشاش، يېڭى سەھىپە ئېچىش، ئىتتىپاقلىشىش ۋە ياخشىلىنىش ۋاقتى كەلدى» دېدى.

ئۇ ئۆزىگە ئاۋاز بەرگەن-بەرمىگەن بارلىق ئامېرىكالىقلارنىڭ پىرېزىدېنتى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىپ، ئامېرىكا دېموكراتىيەسى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، تىك تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئامېرىكادا سىياسەتچىلەر كونتروللۇقنى قولىغا ئالمايدۇ، بەلكى خەلق ئۇلارغا ھوقۇق بېرىدۇ» دېدى.

ئۇ ئامېرىكا خەلقىگە قىلغان ئىتتىپاقلىشىش ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىشىش چاقىرىقىنى تەكرارلاپ، ئالدىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  نى كونترول قىلىش ۋە ئىقتىسادىي ياردەمنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا ئوخشاش مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

سايلىغۇچىلار كېڭىشىنىڭ ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى، 2021-يىلى 6-يانۋاردا مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پېنىسنىڭ باشچىلىقىدا ئېچىلىدىغان كونگرە يىغىنىدا قايتا تەستىقلىنىش ئۈچۈن مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر