ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ئامانلىق ساقلىغۇچى ئۆلدى

ئافغانىستاننىڭ قۇندۇز ۋىلايىتىدە تالىبان ئەزالىرىنىڭ ھۇجۇمىدا 10 ئامانلىق ساقلىغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1545286
ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ئامانلىق ساقلىغۇچى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇندۇز ۋىلايەتلىك مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ باشلىقى يۈسۈف ئەييۇبىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تالىبان ئەزالىرى قۇندۇز ۋىلايىتىنىڭ ئىمام ساھىب ناھىيەسىگە جايلاشقان ئىستامىڭ يېزىسىدىكى قاراۋۇلخانىغا ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا 10 ئامانلىق ساقلىغۇچى جېنىدىن ئايرىلغان، 3 ى يارىلانغان.

تالىبان تەرىپىدىن بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئافغانىستاننىڭ نانگارخار ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 4 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

نانگارخار ۋىلايىتىنىڭ خوڭيانى ناھىيەسىگە قاراشلىق زاۋى رايونىدا، يول چېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ، پۇقرالار ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا پارتلىشى نەتىجىسىدە، 4 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر