ياۋروپانىڭ تۈركىيەنىڭ يىغىن ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ، تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى سوغۇقچىلىق توغرىسىدا يىغىن چاقىرىش تەكلىپىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1544260
ياۋروپانىڭ تۈركىيەنىڭ يىغىن ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى مەنبەلىرى، شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىدە  ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ سۆھبەت ئۈستىلى ئەتراپىغا توپلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىر سۆھبەت سۇپىسى قۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز سۈركىلىشىنى پەسكويغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن سۆھبەت قاناللىرىنى بىرلا ۋاقىتتا ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشنى مۇھىم، دەپ قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مەنبەلىرى، تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا پەرقلىق خىزمەت ۋە سۆھبەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئىلھام بېرىشنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەنبەلەر، بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز ئورگانلىرى، باشقا ئالاقىدار دۆلەتلەر ۋە تۈركىيە بىلەن «شەرقىي ئاقدېڭىز» تېمىلىق كۆپ تەرەپلىك يىغىن تەكلىپى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

ئۇلار يەنە، شەرقىي ئاقدېڭىز جىددىيچىلىكىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭمۇ يىغىن چاقىرىش تەكلىپىنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقىنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئوخشاش نىشاننى بويلاپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى  بىر قىسىم ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەنلىكىنى، بىراق بۇلارنىڭ نەتىجىگە تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر