ھىندىستاندا پەيدا بولغان سىرلىق كېسەل تەكشۈرۈلمەكتە

ھىندىستاندا بىر كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ۋە نەچچە يۈزلىگەن كىشىنىڭ بالنىستقا ئېلىنىشغا سەۋەپ بولغان سىرلىق كېسەللىك تەكشۈرۈلمەكتە.

1541785
ھىندىستاندا پەيدا بولغان سىرلىق كېسەل تەكشۈرۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «BBC» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستاننىڭ ئاندرا پرادېشتىكى ئېلۇرۇ شەھىرىگە سىرلىق كېسەللىكنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتىلگەن.

«پۈتۈن ھىندىستان تېببىي پەنلەر ئىنستىتۇتى» ئېلىپ بارغان دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە، بىمارلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قان ئەۋرىشكىسىدە نىكېل، قوغۇشۇن ۋە ئېغىر مېتاللارنىڭ مىقدارى يۇقىرى چىققان.

سەھىيە تارماقلىرى، «تەجرىبىخانا ئانالىزلىرى ئارقىلىقلا بۇنىڭغا ئوخشاش بەزى سىرلىق كېسەللىكلەرنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ» دەپبايانت ئېلان قىلغان.

ئۆلكىلىك سەھىيە مىنىستىرى ئاللا كانى كرىشنا سىرىنىۋاس بارلىق بىمارلارنىڭ كوۋىد-19 تەكشۈرۈشلىرىنىڭ پاسسىپ چىققانلىقىنى ۋە قان ئەۋرىشكىلىرىدە كوۋىد-19 بىلەن يۇقۇملانغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھىندىستاندا سىرلىق كېسەل سەۋەبىدىن بىر كىشى قازا قىلىپ، 300 دىن ئارتۇق كىشى بالنىستقا ئېلىنغان ئىدى.

شەنبە كۈنى ئېلۇرۇ شەھىرىدە بىر بىمار تۇيۇقسىز ھوشىدىن كېتىش ۋە تىترەش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بىلەن قازا قىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئوخشاش شىكايەت بىلەن دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىنغان ئىدى.

رايوندىكى يەرلىك سەھىيە خادىملىرى بۇ كېسەللىكنىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما كونكرېت سەۋەبى تېخىچە ئېنىقلانمىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر